قەدەھىڭدە زەھەر بولسا،
مەن ئىچىمەن ماڭا ئەكەل.
لەۋلىرىڭدە مۆھۈر بولسا،
مەن ئاچىمەن ماڭا ئەكەل.
سەن يىغلىغان كېچىلەرنى،
قەلبىڭدىكى ھەسرەتلەرنى،
تارتىنماستىن ماڭا ئەكەل،
سەن تۈگەشمە، مېنى تۈگەت.
ئاشىق بېغىنىڭ گۈلى بولۇپ،
تىكىنىڭنى ماڭا سانجىغىن.
باقما، جېنىڭنىڭ يانغىنىغا،
سورىما مەندىن قانداق ھالىڭ.